س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىچىك بىلىملىرى
- س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى قايسىلار ؟
- قان تارقىلىش
ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان زەھەر چېكىش ئەسۋابى ، تەكشۈرۈلمىگەن قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش گۈل چېكىش، چىش تارتقۇزۇش، يىڭنە سانجىش قاتارلىق ئەسۋابلارنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلمىغان بولسا ،ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ساقال ئالغۇچ ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلار .
- ئانىلار دىن بوۋاقلارنىڭ تارقىلىشى
س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئايال تۇغۇت جەريانىدا ۋىرۇسنى بوۋاققا تارقىتىشى مۇمكىن.
- جىنسىي ئۇچرىشىشنىڭ تارقىلىشى
كۆپ جىنىسلىق ھەمراھ، قوغداش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي قىلمىش قاتارلىق خەتەر يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
س تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا ۋاكسىنا بارمۇ؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن خاراكتېرلىك پەرق بولغاچقا، ھازىرغا قەدەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى.
س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ ؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئوخشىمايدىغان يېرى ، س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ .
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئىچىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ساقىيىش نىسبىتى ٪95 تىن ئاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاقىدار دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى، شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك داۋالاش خىراجىتى نەچچە يۈز مىڭ يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگە چۈشۈرۈلدى. شۇڭا س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ھەرقانداق ئادەم بالدۇرراق ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق قوبۇل قىلىشى كېرەك.