当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 哪些行为属于易感染艾滋病的高危

  • 【双语】艾滋病基本知识   ئ

  • 机会性感染:免疫功能低下时的“敌

  • 【双语】男性同性性行为人群:认识

  • 【双语】艾滋病暴露后阻断(PEP) ئ

  • 【双语】安全套正确使用方法 ب

【双语】男性同性性行为人群:认识风险、科学防护 ​​​​​​​ئوخشاش جىنىسلىق قىلمىشى بار ئەرلەر: خەۋپ-خەتەرنى تونۇپ يېتىپ، ئىلمىي

地区:哈巴河县来源:发布者:时间:2026-11-01 12:24:09点击:
 

风险相对更高的原因
在艾滋病性传播的几种情况中,以无保护肛交传播艾滋病的风险最大。肛交是男性同性间常见的性行为方式。在肛交过程中,因生理结构原因,肛周黏膜非常容易出现损伤,艾滋病病毒等可直接通过这些微小的伤口进入血液造成感染。同时,男性同性性行为人群感染率较高,更加大了感染风险。
除生理结构带来的黏膜易损伤风险外,这一人群感染率相对较高也是重要原因:群体内感染率上升,个体性行为接触到病毒的概率也随之增大,形成“高风险—高感染率—更高风险”的循环。这也是对该人群加强干预的科学依据。
需要澄清的是,艾滋病风险来自“行为”而非“性倾向”本身。任何人群只要发生无保护高危行为,都可能感染;对该人群给予针对性健康教育,是为了保护其健康,而非贴标签或歧视。
主动检测、科学预防
对于男性同性性行为人群,应主动了解自身感染状况,定期进行艾滋病检测。发生不安全性行为后,应在医生指导下,于72小时内尽早使用暴露后预防药物,可有效减少感染风险。符合条件的高风险人群,还可以在专业医生评估指导下,考虑使用暴露前预防措施。
在进行性行为时,坚持全程正确使用安全套,是最经济、有效的预防手段。同时,要注意预防梅毒、淋病等其它性传播感染,做到综合防护。
对该人群而言,科学预防的核心包括:坚持全程正确使用安全套,这是最经济有效的措施;定期检测、了解自身状况;发生高危行为后72小时内尽早服用暴露后预防药物;符合条件者可在专业评估下使用暴露前预防药物。多种手段综合运用,才能最大限度降低风险。同时要积极筛查和治疗梅毒、淋病等性传播感染,避免性病增加感染风险。
正确认识与对待
男性同性性行为人群同样是社会的一员,应得到平等的健康服务和人文关怀。预防艾滋病需要全社会的理解和支持。任何人只要存在高危行为,都有感染艾滋病的风险;无论性倾向如何,都应树立健康观念、学会自我保护,并积极参与检测和防治。
防艾没有旁观者。对男性同性性行为人群来说,主动检测、科学防护就是对自己和他人最好的保护;对社会来说,营造平等、无歧视、可及的健康服务环境,则是预防工作的基石。让我们彼此理解、相互支持,用科学和关爱织密防护网,共同守护每一个人的健康与尊严。
尊重和关爱是预防工作的前提。对男性同性性行为人群,社会各界应提供平等、无歧视的健康服务,创造方便、保密的检测和治疗环境,鼓励其主动参与防治。对每个个体而言,无论性倾向如何,都要树立“自己健康第一责任人”意识:了解防艾知识、避免高危行为、主动检测、理性对待结果。

ئوخشاش جىنىسلىق قىلمىشى بار ئەرلەر: خەۋپ-خەتەرنى تونۇپ يېتىپ، ئىلمىي قوغدىنىش كېرەك
 
خەتىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشنىڭ سەۋەبى
ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي تارقىلىش ئەھۋالى ئىچىدە قوغداش تەدبىرى  بولمىغان مەقئەت ئارقىلىق يۇقۇش خەتىرى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. مەقئەت جىنسىي مۇناسىۋەت ئوخشاش جىنىستىكى ئەرلەرنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان جىنسىي پائالىيەت شەكلى. مەقئەت جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، فىزىئولوگىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت ئەتراپىدىكى شىللىق پەردىسى ئاسانلا زەخمىلىنىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى قاتارلىق ۋىرۇسلار بۇ ئۇششاق يارا ئېغىزى ئارقىلىق قان ئېقىمىغا كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.
فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلما سەۋەبىدىن شىللىق پەردىسى زەخمىلىنىش خەتىرىدىن باشقا، بۇ توپنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشىمۇ مۇھىم سەۋەب: كىشىلەر ئىچىدە يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شەخسلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىمۇ ئېشىپ كېتىپ، «خەتىرى يۇقىرى—يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى—خەتىرى يۇقىرى» دەۋرىيلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇمۇ بۇ كىشىلەر توپىغا قارىتا ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى.
شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ خەتىرى «جىنسىي خاھىش» ئەمەس، بەلكى «ھەرىكەت»تىن كېلىدۇ. ھەر قانداق بىر گۇرۇپپا قوغدىلىدىغان خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. بۇ گۇرۇپپىغا قاراتمىلىق جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا بەلگە قويۇش ياكى كەمسىتىش ئەمەس.

 
تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۇرۇش ۋە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش
ئوخشاش جىنىس بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەر ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشىنىشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بىخەتەر بولمىغان جىنسىي پائالىيەت قىلغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە 72 سائەتتىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خەتەرلىك كىشىلەر كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە باھالىشى ئاستىدا يۇقۇملىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
جىنسىي پائالىيەت جەريانىدا، گاندون ئىشلىتىش ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بۇ كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئىلمىي ئالدىنى ئېلىشنىڭ يادروسى مۇنداق: پۈتۈن جەرياندا گاندون ئىشلىتىش ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر؛ قەرەللىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى چۈشىنىش؛ يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى 72 سائەت ئىچىدە تېزدىن ئىستېمال قىلىش؛ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلگەنلەر كەسپىي باھالاش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. كۆپ خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈش خەۋپنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىق جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى پائال تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 
توغرا چۈشىنىش ۋە مۇئامىيلە قىلىش
ئوخشاش جىنىسلىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرلەرمۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، باراۋەر سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك غەمخورلۇقىدىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا مۇھتاج. خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر قانداق ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. جىنسىي خاھىشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ساغلاملىق ئېڭىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىپ، تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تاماشا قىلغۇچىلار يوق. ئوخشاش جىنىس بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەرگە نىسبەتەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي قوغداش ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كاپالەت ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەتكە نىسبەتەن باراۋەر، كەمسىتىلمەسلىك، قولايلىق بولغان سەھىيە مۇلازىمەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۇل تېشى. بىز ئۆز-ئارا چۈشىنىشىمىز ۋە قوللاپ، ئىلىم-پەن ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق زىچ قوغداش تورى توقۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئورتاق قوغدايمىز.
ھۆرمەت ۋە غەمخورلۇق ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئوخشاش جىنىس بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەرگە نىسبەتەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە باراۋەر ۋە كەمسىتمەسلىك سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى، قولايلىق ۋە مەخپىي تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش مۇھىتى يارىتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك. ھەر بىر شەخس جىنسىي خاھىشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولۇش» ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى: ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى چۈشىنىش، خەتەرلىك قىلمىشلاردىن ساقلىنىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ۋە نەتىجىسىگە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

【责任编辑:阿卜杜米吉提 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|