小艾在后台看到了这样一条留言:
小艾,我一直有个疑问,我们为什么要关爱那些艾滋病感染者呢?明明是他们自己感染上的病,我们为啥要去关心他们呢?
相信也会有一小部分朋友有这样的疑问,没关系,小艾就再再再解释一遍,请大家认真看哦~

چۈشەنمىسڭىز سوراڭ: ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزى يۇقتۇرغان تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا كۆيۈنىمىز؟ شياۋئەي ئارقا سۇپىدا مۇنداق بىر قالدۇرغان سۆزنى كۆردى:
شياۋئەي، مەندە ئىزچىل بىر گۇمان بار، بىز نىمىشقا ئۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارغا كۆيۈنىمىز؟ ئېنىقلا ئۇلار ئۆزلىرى يۇقۇملانغان، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىمىز؟
شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئاز بىر قىسىم دوستلاردا مۇشۇنداق گۇمان بار، ھېچقىسى يوق، شياۋئەي يەنە بىر قېتىم چۈشەندۇرىدۇ، كۆپچىلىك ئەستايىدىل كۆرۈڭلار
ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن ئالدى بىلەن ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش، خەتەرلىك قىلمىشلارغا چېقىلماسلىق، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
بىراق ئېھتىيات بىلەن ئالدىنى ئېلىش كەمسىتىشتىن ھەم ھەددىدىن زىيادە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلار پەيدا بولۇپ قالسا ياكى ئەتراپىمىزدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەن بولسا، ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش
- نېمىشقا ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىسىز؟
سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يۇقۇملانغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت ھايات قالالايدۇ. يەنى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن مەزگىلدە بىز بىلەن بىللە بولىدۇ، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن ئۇلار يالغۇز يۈرمەيدۇ، ھامان باشقىلار بىلەن ئارىلىشىدۇ.
ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىلىمىز ياكى بىلمەسلىكىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان سۆز-ھەرىكەت پوزىتسىيەمىز ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، مۇھەببەتمۇ بىر خىل ئالدىنى ئېلىش. ئۇ سالاھىيىتىنى بىلمىگەندە بىز ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىدىغان گەپلەرنى قىلدۇق ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن يەنە روشەن ھالدا كەمسىتىش ۋە يىراقلىشىش ياكى دۈشمەنلىشىپ، ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بەزىبىر پىسخىكىلىق رول ئوينايدۇ، بۇ روللار ئەكسىچە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارنى ئادەتتىكى ئادەم قاتارىدا كۆرۈش بىمارلارغا بولغان ھۆرمەت، شۇنداقلا جەمئىيەتنى قوغداش.
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋە بىمارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكى، باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك. بىز ئەيدىزگە ئاقىلانىلىك بىلەن قارىشىمىز كېرەك.
بۇ ھەم ھەر بىر ئەيدىز بىمارى ۋە يۇقۇملانغۇچىغا دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭمۇ ئۈمىد مەۋجۇت بولۇپ داۋالاشقا ماسلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە، مەجبۇرىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.






