بىرىكمە زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى
بىرىكمە زەھەر ئەپيۇن، خروئىن قاتارلىق ئەنئەنىۋى زەھەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسلىقى سۈنئىي خىمىيەلىك بىرىكمە زەھەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە يېڭى تىپتىكى زەھەر دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ يېڭى تىپتىكى زەھەرلەر سۈنئىي بىرىكمە خىمىيەلىك بۇيۇملار بولۇپ، تۈرى ناھايىتى كۆپ، نامى، شەكلى، رەڭگىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى قانۇنسىز قىلمىشلار زەھەرنى يېمەكلىك، ئىچىملىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ قويغاچقا، ئادەتتىكى كۆز بىلەنلا پەرقلەندۈرۈش تەس. بىرىكمە زەھەر ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا رولىنى ئاساس قىلغان روھلاندۇرۇش دورىسى شۇنداقلا مەركىزى نېرۋىنى تىزگىنلەش رولىنى ئاساس قىلغان ناركوز دورىسى ۋە خىيالىي دورىلارغا ئايرىلىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان بىرىكمە زەھەر كىرىستال زەھەر، باش چايقاش كۇمىلىچى، ك تالقىنى، رۇش، 0-نومۇرلۇق كاپسۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
بىرىكمە زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئەنئەنىۋى زەھەرگە سېلىشتۇرغاندا، بىرىكمە زەھەر ئادەم بەدىنىدىكى مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، داۋاملىق ئىشلىتىش ئادەمنى تېخىمۇ ئاسان خۇمارقىلىدۇ، بىرىكمە زەھەرنىڭ نامى كۆپىيىدۇ، ھەتتا شېكەر كەمپۇت، ئىچىملىك قاتارلىق شەكىللەردە نىقابلانغان بولۇپ، تېخىمۇ ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە، زىيىنى تېخىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ. ئىشلىتىلىدىغان سورتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئىپادىسى چۇس بولۇشى مۇمكىن ، فۇنكسىيە ئۆزگىرىشى مۇمكىن بەلكىم پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ناچار، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۋىتىدۇ