ئەيدىزبولسا ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 39 مىليون ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بولۇپ، يېڭىدىن بايقالغانلار بىر مىليون 300 مىڭغا يەتتى. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنىڭ يادرولۇق قىيىن نۇقتىسى شۇكى، زور مىقداردىكى يۇقۇملانغۇچىلارغا دىئاگنوز قويۇلمىغان ياكى يۇقۇملۇق جىددىي مەزگىلدە بايقالمىغانلار ئاساسلىق يۇقۇملىنىش مەنبەسى بولۇپ قالغان. يادرولۇق تاكتىكىسى: دەسلەپكى مەزگىلدە تاللاش (ئاچقۇچلۇق مۇداپىئە سىزىقى) ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى تېز يولغا قويۇپ، ۋىرۇسنى تىزگىنلەش، بۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى تۈپ يول. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز مەزگىلىدە قوزغىلىشتىن بۇرۇن كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن ئۆزگىرىشى بولمىغاچقا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى ۋە مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكى بايقالدى
تەكشۈرۈش شۇنچىلىك مۇھىم بولغانىكەن، بىز بىرلىكتە تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى بىلىپ باقايلى
بىرىنچى قىسىم تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى قايسىلار ؟ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈش تاللاش سىنىقى ۋە تولۇقلاپ تەجرىبە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاللاپ تەكشۈرۈش سىنىقىدا قان، سۈيدۈك، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى چىقىرىش قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئانتىتېلا ئالاھىدىلىكى رېئاكسىيىسىنىڭ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرىدۇ، تولۇقلاپ تەجرىبە قىلىش ئانتىتېلانى توغرا ئىسپاتلاش ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا تاللاش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھازىرقى دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەيدىز ئانتىتېلاسى، ئانتىگېن ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ كۆزنەك مەزگىلى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئۈچ، ئىككى ھەپتە ۋە بىر ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ
ئىككىنجى قىسىم كىم تەكشۈرۈتۈشى كېرەك؟ ن1. خەتەرلىك كىشىلەر: كۆپ جىنىسي ھەمراھى بارلار، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، سودا خاراكتېرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، ۋېناغا زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار، يېڭى تىپتىكى زەھەر ئىشلەتكۈچىلەر ھەمدە ئەرلەردىكى ھەمجىنىسلىق قىلغۇچىلار، قوش جىنسلىق ۋە جىنىس ھالقىغان كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ن2. ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئەيدىز مۇسبەت ئانىلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىرى
ن3. قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزگۈچى ياكى ئەزا كۆچۈرىدىغان كىشىلەر توپى
ن4. يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن زىچ ئۇچرىشىش تارىخى بار كىشىلەر توپى
5ن. كەسىپتە ئاشكارىلانغان كىشىلەر توپى
6ن. جىنسىي كېسەل ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەر توپى
ئۈچىنچى قىسىم قەيەردە تەكشۈرگىلى بولىدۇ ؟ ن1. جايلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى تەكشۈرۈش ئامبولاتورىيىسىدىن ھەقسىز مەسلىھەت سورىسا ۋە تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ
ن2. جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
ن3. جايلاردىكى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە كۆپ قىسىم ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
ن4. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش مەسلىھەت بېرىش ۋە يۆتكەپ تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
ن5.بەزى ئالىي مەكتەپلەر سۈيدۈك تەكشۈرۈش ماشىنىسى تەسىس قىلىپ ، ئۆزلىرى سېتىۋالسا بولىدۇ. سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى سۈيدۈكنى يىغىپ، چۈشەندۈرۈش بويىچە كەسپىي تەجرىبىخانىغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ئىمزاسىز ھالدا توردا تەكشۈرۈپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ
تۆتىنجى قىسىم تەكشۈرۈش نەتىجىسى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەنپىي: ئادەتتە يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ، ئەمما كۆزنەك مەزگىلى مەۋجۇت بولغاچقا، ئۈچ ئايدىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ياكى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ
مۇسبەت: دەرھال كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ياكى كەسپىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تولۇقلاپ تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت سوراش كېرەك. تولۇقلاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ جەزىملەشتۇرگەن تەجىربىخانا تەكشۇرۇش تىزىملىكىنى جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي خاراكتېرلىك ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ






