شۇ كۈنى كەچتە كۆپ ئىچىۋالغان ئىدىم، ئىشتىن كېيىن ئاندىن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ...... يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم
28ياشلىق شياۋلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى مەسلىھەت سوراش ئۆيىدە چاپىنىنىڭ پىشىنى چىڭ سىقىپ ، ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى . بۇ ھەقىقىي مىسال دەل خەتەرلىك قىلمىشى بار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىپادىسى. ئەيدىز تەھدىتى ئالدىدا، تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلىشتىكى "قوش سۇغۇرتا" بولۇپ، "ئالتۇن 72 سائەت" نىڭ توسۇش پۇرسىتى ساغلاملىق ئۈچۈن قوغداش كۈنلۈكىنى كۆتۈرۈش-كۆتۈرمەسلىكنىڭ ئاچقۇچى
خەتەرلىك قىلمىشلاردىن كېيىن تەكشۈرۈشنىڭ «ئالتۇن ۋاقىت كۆزنىكى» ئەگەر قوغداش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي قىلمىش، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يىڭنە قاتارلىق خەتەرلىك ئاشكارلىنىش قىملىشى كۆرۇلسە، قورقۇش ياكى ئىككىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. جايلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش مەركەزلىرىدە ئەيدىز كېسەللىكى ھەقسىز مەسلىھەت سوراش كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ ئەيدىزنى تەكشۈرۈش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ ، يېقىن ئەتراپتا تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى تاللىسا بولىدۇ . كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەكشۈرگەندە، توغرا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كەسپىي ساغلاملىق يېتەكچىلىكى ۋە پىسخىكىلىق قوللاشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە ئەيدىزنىڭ مۇسبەتلىكى بولسا، يەنىمۇ دەلىللەش، تەكشۈرۈشمۇ مۇسبەت بولسا، ئالاقىدار بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا تونۇشتۇرۇش كېرەك، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا دۆلەت ھەقسىز ۋىروسقا قارشى داۋالاش دورىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يۇقۇملانغۇچىلار بالدۇرراق ۋىروسقا قارشى داۋالىنىشى، قانچە بالدۇر داۋالىسا، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىپ،جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆكۇزگەندە قوغداش تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە جىنسىي ھەمراھلىرىغا تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك
ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش دورا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش «ئالدى- كەينىدە تەڭ ھۇجۇمغا ئۆتۇش» ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، دورا ئىچىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈنۈمى پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپ تۈرلۈك كىلىنىكىلىق سىناقلاردا ئىسپاتلاندى، دورا ئىچىشكە بويسۇنۇشچانلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلى يۇقىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپىگە جايلاشقانلارلا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ ھەمدە كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەۋپ-خەتەرنى باھالاش ۋە تىبابەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى باھالىغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو ت د ف /ف ت س لايىھىسىنى قوللىنىدۇ، ئىچىش شەكلىدە ھەر كۈنى دورا ئىچىش ۋە ئېھتىياج بويىچە دورا ئىچىش"2+1+1" دىن ئىبارەت ئىككى خىل لايىھە بار.
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۇشايمان قىلىدىغان دورا يوق، ئەمما «قوش سۇغۇرتا» بار. ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى دورىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن تارتىپ ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى جىددىي توسۇشقىچە، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشتىن بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشكىچە ھەر بىر قەدەم ھاياتلىققا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە. سىزنىڭ ھەر قېتىملىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشىڭىز، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش






