ئەيدىز كېسىلى يېڭىدىن بىر مىليون 300 مىڭ غا كۆپەيدى ! نۇرغۇن كىشىلەر قالايمىقان قىلمىشى يوق ئەمما گۇناھسىزيۇقۇملاندى! ئاممىۋى سورۇنلاردا« تۆتكە چېقىلماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك مىنىڭ « قالايمىقان قىلمىشىم » بولمىسا ، قانداقسىگە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىمەن ؟ن
شياۋلى ئەيدىزگە دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، ئىزچىل كاللىسىدىن ئۆتمەي، نېمىشقا تۇيۇقسىز ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئويلاپ قوبۇل قىلالمىدى
ئەمەلىيەتتە نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئەينى چاغدا پۈتۈن بەدىنىدىكى نۇرغۇن جايلاردا تەمرەتكە كۆرۈلگەن، دورا ئىشلەتكەندىمۇ ياخشىلىنىش كۆرۇلمىگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم قايتا-قايتا قوزغالغان، ئەمما ئۇ ھۆل تەمرەتكە دەپ قارىغان
كېيىن ئارقا-ئارقىدىن تۆۋەن قىززىتىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتا-قايتا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئۇنى ئامالسىز دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۇرۇشكە مەجبۇرقىلدى ، كىم بىلسۇن بۇقىتىملىق تەكشۇرۇشتە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دەپ تەكشۇرۇپ چىقلدى
نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىزنى بەزى ئالاھىدە كوللىكتىپلاردىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇچراپ قالمايدۇ، ھەتتا ئەيدىز ئۆز تۇرمۇشىدىن يىراق دەپ قارايدۇ، ئەمما رىئاللىقتا ھەر يىلى دېگۈدەك بەزىلەر گۇناھسىزلا يۇقۇملۇنىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ قانداق يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ ئەيدىز توغرىسىدىكى ئاشۇ ئىشلار 01 يەر شارى ۋە جۇڭگونىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى دوكىلات قىلشچە 2023-يىلى ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى بىر گۇرۇپپا ئەيدىز سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يەر شارىدا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار تەخمىنەن بىر مىليون 300 مىڭغا، 630 مىڭ ئادەم ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەن، دۇنيادا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 39 مىليون 900 مىڭغا يەتكەن
ئەيدىز ئەمەلىيەتتە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل ۋىرۇس سىزنى بىۋاستە ئۆلتۈرمەي، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزۇپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئورگانىزمنى يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىك خەۋپىگە ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئادەتتە گىرىپتار بولمايدىغان ھەم ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاخىرىدا بەدەن ساغلاملىقىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ
بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش يوللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قان، جەۋھىرى جىنسىي يولى ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق، بالىتاتقۇ سۇيى، سۈت قاتارلىق بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئاستا-ئاستا يۇقۇملۇنىشى مۇمكىن
02 ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ ئەيدىز تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئەمەس، ئەيدىز بىمارلىرى ئاستا خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك كېسەل بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ قوزغىلىشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ ئاساسىي باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ
بىرىنجى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى
تەخمىنەن يېرىمدىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچىلاردا روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئاساسلىقى قىزىتما، تەمرەتكە، كۆڭلى ئېلىشىش، ماغدۇرسىزلىق، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى مۇسكۇل بوغۇمى ئاغرىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ، جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە 1-3 ھەپتىدە داۋاملاشقاندا ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىدۇ
يۇقۇملىنىشتىن ئانتىتېلا پەيدا بولۇشقىچە، ئانتىتېلانى تەكشۈرۈشكىچە، بۇ جەريان ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ئايغىچە ئارىلىقتا قالىدۇ، يەنى ئاتالمىش كۆزنەك مەزگىلىدە، بىمار يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇملىنىش خەۋپىمۇ بار
ئىككىنجى، كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق يۇقۇملىنىش مەزگىلى
شۇنداقلا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن مەزگىل، بىمارلار 10 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاققا سوزۇلۇشى، ھېچقانداق كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما يەنىلا يۇقۇملىنىش خاراكتېرىگە ئىگە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ
ئۇچۇنجى، ئەيدىز كېسەللىكى قوزغىلىش مەزگىلى
يوشۇرۇن مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ۋەيران بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىمارلار دەسلەپكى باسقۇچقا كىرىپ، قورساق قىسمىدىكى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىشى ياكى باشقا پۈتۈن بەدەندىكى ئىككىدىن ئارتۇق لىمفا ئىششىقى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ۋەيران بولغانغا قەدەر، ئاددىي ئۆپكە ياللۇغى ياكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىمارنىڭ جېنىنى ئالالايدۇ
03 ئەيدىزدىن يىراقلىشىپ، « تۆتكە چېقىلماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىشىمىز كىرەك ئەيدىز كېسىلىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ يۈز بېرىشى بىزگە جاراڭلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان يۇقۇملىنىش خەۋپىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ تۆۋەندىكى «تۆتكە چېقىلماسلىق» پىرىنسىپى ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.
بىرىنجى، نامۇۋاپىق قىلمىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك
ئەيدىز يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق بىر مەنبەسى قالايمىقان جىنسىي تۇرمۇش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى بولماسلىقى مۇمكىن، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىمۇ ياخشى قىلمىغان بولۇشى، ئۆزىنى ۋە ھەمراھلىرىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئارىسىدا ئاشكارلاپ قويىدۇ، شۇڭا ئەيدىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى ئازايتىشتۇر
ئىككىنچى، باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى ۋە ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك
شەخسىي بۇيۇملارنى چوقۇم ئايرىپ ئىشلىتىش كېرەك، بولۇپمۇ چىش چوتكىسى ۋە ساقال ئالغۇچ قاتارلىق بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئالماشتۇرۇش ئاسان يۈز بېرىدىغان قوراللار ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋىرۇسنى قان بويىچە يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ھەمراھ ۋە ئائىلىسىدىكىلەربىلەنمۇ پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك
ئۈچىنچى، زۆرۈر بولمىغان قان بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك
بەزى شەخسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ھۆسۈن تۈزەش، گۈل چېكىش سورۇنلىرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش ياكى مەشغۇلات ئۆلچەمسىز بولۇش مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ۋىرۇس ئوپېراتسىيە، قان سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا ئەگىشىپ قان بىلەن تارقىلىشى مۇمكىن، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ شەكىلدىكى قان ئۇچرىشىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، سالاھىيىتى بار، كەسپىي كاپالەتكە ئىگە ئاپپاراتلارنى تاللاپ مەشغۇلات قىلىش كىرەك
تۆتىنچى، زەھەردىن يىراق تۇرۇش
نۇرغۇن كىشىلەر زەھەر چەككەندە شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ، بولۇپمۇ ۋېنادا ئوكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق، قان ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان تارقىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇشمۇ ئەيدىز خەۋپىدىن يىراقلىشىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى
ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان قىلمىشلارنى، ئەيدىز تارقىلىش خەۋپىگە دىققەت قىلىش، مۇناسىۋەتلىك قوغداش بىلىملىرىنى كۆپرەك چۈشەنگەندىلا، تۇرمۇشىڭىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن تېخىمۇ ياخشى يىراقلاشتۇرالايسىز
نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىزنى پەقەت ياشلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە ياشانغانلارمۇ ئەيدىز كۆپ كۆرۈلىدىغانلار توپى، «جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ژۇرنىلى» ئېلان قىلغان ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە 50 ياشتىن يۇقىرى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ، 2015-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە دىئاگنوز قويۇلغان مىسال 32850دىن 51856 گە كۆپەيگەن
بۇ كوللىكتىپنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملىنىش قا قاراپ يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە سەل قارالغان ياشانغانلارنىڭ جىنسىي ئېھتىياجى ، ئۇلارنى قانۇنسىز مۇلازىمەت ياكى ئوخشاش جىنىسلىق قىلمىشقا مەجبۇرلىنىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا، قېرىغاندا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ خاتا قارايدۇ، شۇڭا خاتا بولغىنى بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەتمەي، ئەيدىز يۇقۇملىنىش خەۋپىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ






