پىتنە-ئىغۋا 1.« س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنى بىر قاراپلا پەرقلەندۇرگىلى بولىدۇ»
ھەقىقىي ئەھۋال: خاتا . س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار ھەمىشە سىرتقى قىياپىتى ساغلام، پەقەت سىرتقى قىياپىتىگە تايىنىپ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. بىردىنبىر ئىشەنچلىك ئۇسۇل س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى يادرو شىكەر كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، پەقەت بۇ كۆرسەتكۈچلا ھازىرقى كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ!ئ
پىتنە-ئىغۋا 2.« مىنىڭ جىگەر ئىقتىدارىم ئېنىقلا نورمال ، قانداقسىگە س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسۇن »
ھەقىقىي ئەھۋال: خاتا . كۆپ ساندىكى س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشمۇ نورمال بولۇشى مۇمكىن ، بىراق بۇ س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ! ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، قىسمەن بىمارلار 20 يىلدىن 30 يىلغىچە جىگەر قېتىشىش ھەتتا جىگەر راكىغا ئايلىنىشى مۇمكىن
پىتنە-ئىغۋا 3.« كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا داۋالاش ھاجەتسىز! »
ھەقىقىي ئەھۋال: خاتا . كېسەللىك ئالامىتى يوق ≠ يۇقۇملانمىغانلىق ! س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى « يوشۇرۇن ئادەمنى زەخمىلەندۈرۈش» نى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ جىگەرنى ئۈن-تىنسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ، قىسمەن بىمارلار بايقالغاندا جىگەر قېتىشىش ھەتتا جىگەر راكىغا ئايلانغان
پىتنە-ئىغۋا 4.« س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولمايدۇ، پۇلنى ئىسراپ قىلماسلىق كىرەك »
ھەقىقىي ئەھۋال: خاتا . س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ ! ئىلگىرى ئارىفېلمېننى داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرى چوڭ، ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن ئىدى، بىراق ھازىر ۋىروسقا بىۋاستە قارشى دورىلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى، قېلىپلاشقان ۋىروسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، ساقىيىش نىسبىتى ٪95تىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكس تەسىرىمۇ كىچىك
پىتنە-ئىغۋا 5.« مىنىڭ س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلام باشتىن ئاخىر مۇسبەت ، قارىغاندا داۋالىغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ »
ھەقىقىي ئەھۋال: خاتا . ئانتىتېلا مۇسبەت ≠ س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى مەۋجۇت ! س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسى س تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن يۇقۇملانغانلىقنىڭ نەتىجىسى، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئانتىتېلا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كېلىدۇ، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى داۋالىنىپ ساقايغان تەقدىردىمۇ(س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىنمۇ) س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى يادرو شىكەر كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك، ئانتىتېلا ئەمەس!ئ
پىتنە-ئىغۋا 6.« دادام س تىپلىق جىگەر ياللۇغى،شۇڭا مەندىمۇ بار»
ھەقىقىي ئەھۋال: خاتا . كۈندىلىك ئۇچرىشىش (مەسىلەن بىللە غىزالىنىش، قۇچاقلاش) س تىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىتىلمايدۇ! س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاساسلىقى قان، جىنسىي ئۇچرىشىش، ئانىلار بىلەن بوۋاقلار ئارقىلىق يۇقۇملۇنىدۇ، نەپەس يولى ياكى ھەزىم يولى ئارقىلىق يۇقۇملانمايدۇ. بىراق ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى ياكى يىڭنە سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلەتسە تارقىلىشى مۇمكىن
پىتنە-ئىغۋا7.« مەن ۋاكسىنا ئۇردۇم،ئەمدى س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولۇپ قالمايمەن»
ھەقىقىي ئەھۋال: خاتا . خاتا ھالدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى دەپ قارايدۇ ! س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولغاچقا، ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالمىدى. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى پەقەت ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا ئۈنۈم بەرمەيدۇ






