当前位置:首页 > 各地疾控 > 和田市红丝带 > 性病

图文信息

  • 【双语】【性病防治】艾滋病常见

  • 【双语】孕妈妈,丙肝阳性了该怎么

  • (双语下)猴痘防控科普知识(2024年

  • (双语上)猴痘防控科普知识(2024年

  • HIV感染相关的皮肤病多达22种,如

  • 菜花警告!小心尖锐湿疣找上门

【双语】【性病防治】艾滋病常见问答:基础知识解读 جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش: ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت

地区:梦想健康来源:发布者:时间:2025-09-03 11:57:08点击:

 
 





 جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش: ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت دائىم كۆرۈلىدىغان سوئال-جاۋاپلار: ئاساسىي بىلىملەر چۈشەندۈرىشى
  
 نېمىشقا ئەيدىزنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز؟ن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەر 100 ىنىڭ ئىچىدە 90دىن ئارتۇقى جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ھېسابلىنىدۇ. بىخەتەر بولمىغان قىلمىش يۈز بەرسە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېلىمىزدە يەنە نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار تەكشۈرۈلمىگەچكە ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بالدۇر بايقىغىلى، بالدۇر بايقالغاندىلا ئاندىن بالدۇر داۋالىغىلى، ھاياتلىقنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن. بالدۇر بايقالغاندىلا، تېخىمۇ ياخشى تەدبىر قوللىنىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش، يەنى ئۆزىنى ۋىرۇسنىڭ يەنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قوغداپ، جىنسىي ھەمراھنى قوغداپ، ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ تارقىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈش شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش شەكلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان- يۇقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە ئاسان يۇقۇملىنىپ قالىدىغان قىلمىشلار بار كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىختىيارىي ھالدا مەسلىھەت سورىشى كېرەك.
 
ئىختىيارى مەسلىھەت سوراش تەكشۈرۈش قايسى تەرتىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ن
تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن
تەكشۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، تەكشۈرۈشنىڭ ئىختىيارى، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش دەۋالاشقۇچىلارنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەت ئامىللىرىنى چۈشىنىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى باھالاش تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش
تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىش
داۋالاشقۇچىلارنىڭ تېزدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئادەتتە ئەيدىز كېسەللىكى ئانتىتېلاسىنى تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ
تەكشۈرگەندىن كېيىن مەسلىھەت سوراش
تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈش ئەگەر مەنپىي نەتىجە بولسا، دەۋالاشقۇچىلارغا خەتەرلىك قىلمىشلاردىن ساقلىنىشنى ئۇقتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنى جىنسىي ھەمراھ بولۇپ مەسلىھەت بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئەگەر مۇسبەت نەتىجە بولسا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كېيىنكى دەلىل-ئىسپات تەكشۈرۈش تەرتىپىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ھەمدە مۇناسىپ مەسلىھەت بېرىش بىلەن تەمىنلەپ، دەۋالاشقۇچىلارنى جىنسىي ھەمراھ بولۇپ مەسلىھەت بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ

 
 

【责任编辑:阿卜杜米吉提 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|