当前位置:首页 > 各地疾控 > 阿瓦提县疾病预防控制中心 > 艾滋病

图文信息

  • 【双语】【性病防治】艾滋病常见

  • 故意传播艾滋病获刑:法律之剑出鞘

  • 【双语】艾滋病,不过是一种病ئە

  • 【双语】HIV感染者故事|花有漫天

  • 【双语】昨晚约了2个网友,我的行

  • 【双语】我要不要告诉子女我确诊

【双语】【性病防治】艾滋病常见问答:传播途径与预防 جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش: ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت

地区:梦想健康来源:发布者:时间:2025-09-03 20:32:50点击:


جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش: ئەيدىز كېسىلىگە ئائىت دائىم كۆرۈلىدىغان سوئال-جاۋاپلار: تارقىلىش يولى ۋە ئالدىنى ئېلىش
ئەيدىز كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى قايسى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ؟ 
جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى
(ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 2-4ھەپتىسى) تۆۋەن قىززىش، تەمرەتكە، لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئالاھىدە جىنس ئالامەتلىرى ياكى بەدەن ئالامەتلىرى بولمىغانلىقتىن، ھەمىشە سەل قارىلىدۇ
كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملىنىش مەزگىلى
يوشۇرۇنۇش مەزگىلى ئادەتتە 8-10 يىل بولىدۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە تارقالغان بەزى ۋىروس تۈپلىرى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇنۇش مەزگىلى كۆرۈنەرلىك قىسقاردى، ئىنىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، بىمارلار نورمال خىزمەت قىلالايدۇ ۋە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ
ئەيدىز كېسەللىك مەزگىلى
ۋىرۇس بەدەندە ئۇزۇن مۇددەت كۆپەيتىلىپ، س د 4 ھۈجەيرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى قايسى؟ 
ئەيدىز ۋىرۇسى قان، جىنسىي ئۇچرىشىش ۋە ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىشدىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قان، ئۇرۇق سۇيۇقلۇقى، جىنسىي يول ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقى، سۈت تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولۇپ، يۇقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك
قان ئۇچرىشىپ تارقىلىش دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىس ۋە يىڭنە بىلەن زەھەر چېكىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش، بۇلغانغان قان ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى ياكى ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جىنسىي تارقىلىش ئەيدىز ۋىرۇسى ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت شەكلى ئارقىلىق يات جىنىسلار ئارىسىدا ۋە ئوخشاش جىنىسلار ئارىسىدا تارقىلىدۇ، جۈملىدىن جىنسىي يول ئالاقە، ئاغزاكى گىرەلىشىش، مەقئەت گىرەلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئالماشتۇرۇش جىنسىي قىلمىشلىرىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى خەۋپى مەۋجۇت.
ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇملىنىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار، تۇغۇت، ئېمىتىش ئارقىلىق ۋىرۇسنى بالىغا يۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ

【责任编辑:阿卜杜米吉提 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|