- 避免过早检测导致的"假阴性"结果
- 减少不必要的心理焦虑
- 帮助制定合理的检测时间表
- 提供科学的检测指导
- 防止经血传播
- 控制疫情扩散
- 避免高危性行为,坚持使用安全套
- 避免共用注射器、针头等
- 及时开展暴露后预防
-
高危人群可考虑暴露前预防
让我们记住: HIV检测只是预防体系中的一环, 真正的安全来自于科学的防护。
ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىشتا«كۆزنەك مەزگىلى» دېگەن ئۇقۇم ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەر كۆزنەك مەزگىلىدىكى خاتا چۈشىنىش سەۋەبىدىن زۆرۈر بولمىغان تەشۋىشلىنىشكە پېتىپ قالدى ياكى ئەڭ ياخشى تەكشۈرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۈگۈن بىز ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنپ ئۆتەيلى
01 كۆزنەك مەزگىلى دېگەن نېمە؟ كۆزنەك مەزگىلىدە، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇقۇملانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان بىر مەزگىل. بۇ مەزگىلدە ئادەم بەدىنىدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەردە بايقىيالماسلىقى مۇمكىن.
«ئەيدىز ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلۇش» ناملىق بەلگە 293-2019 نىڭ كۆزنەك مەزگىلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلاردىن يۇقۇملانغۇچىلار قان بىسىمى ئىچىدىكى ئەيدىز ئانتىگىنى، ئانتىگىن ياكى يادرو كىسلاتاسى قاتارلىق يۇقۇملانغان بەلگە ماددىلىرى تەكشۈرۈپ چىقىلىشتىن بۇرۇنقى مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەيدىز ئانتىتېلاسى، ئانتىگېن ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ كۆزنەك مەزگىلى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئۈچ، ئىككى ھەپتە ۋە بىر ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەتتە كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كۆزنەك مەزگىلى تامامەن ئۈچ ھەپتە ياكى ئىككى ھەپتە ۋە بىر ھەپتە ئەمەس، ئۇ يەنە يەككە ئامىل، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، ۋىروسقا قارشى داۋالاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
02 نېمىشقا كۆزنەك مەزگىلى بەك مۇھىم؟ كۆزنەك مەزگىلىنى توغرا چۈشىنىش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە
شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، كۆزنەك مەزگىلىنى چۇشەنگەندە
بالدۇر تەكشۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان ساختا مەنپىيلىق نەتىجىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ
زۆرۈر بولمىغان پسىخىكىلىق تەشۋىشلىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ
مۇۋاپىق بولغان تەكشۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈشكە ياردەم بولىدۇ
ئاممىۋى سەھىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ، كۆزنەك مەزگىلىنى توغرا ئىگىلەش ئارقىلىق
ئىلمىي تەكشۈرۈش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ
قان ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلالايدۇ
03 كۆزنەك مەزگىلىدىكى خاتا قاراشلار قايسىلار ؟ بىرىنچى خاتا قاراش « خەتەرلىك قىلمىشلاريۇزبەرگەندىن كىيىن دەرھال تەكشۈرۈش ئەڭ توغرا». ئەمىلىيەت دەل ئەكسىچە كۆزنەك مەزگىلىدە تەكشۈرگەندە، ۋىروس بەلگىسىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا ساختا مەنپىي نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ بىخەتەرلىك خاتا تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپلا قالماي يەنە زۆرۈر داۋالاشقا ئارىلىشىشنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن.
ئىككىنجى خاتا قاراش « ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ كۆزنەك مەزگىلى پۈتۈنلەي ئوخشاش» ئەمەلىيەتتە يەككە پەرق كۆزنەك مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىممۇنىتېت ھالىتى، ۋىروس مىقدارى، يېشى، ساغلاملىق ئەھۋالى ھەتتا يۇقۇملىنىش يوللىرى كۆزنەك مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.
ئۇچۈنجى خاتا قاراش « كۆزنەك مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈش ھاجەتسىز.» ئەگەر داۋاملىق خەتەرلىك قىلمىشلار مەۋجۇت بولسا، قەرەللىك تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش پەقەت ئالاھىدە ۋاقىت نۇقتىسىنىڭ يۇقۇملىنىش ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
04 تەكشۈرۈشتىن باشقا: ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى گەرچە كۆزنەك مەزگىلىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش قارىشىنى ئورنىتىش كېرەك
خەتەرلىك قىلمىشلاردىن ساقلىنىپ، بىخەتەرلىك قېپى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك
ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان شىپرىس، يىڭنە قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك
ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش
خەتەرلىك كىشىلەر ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىش كېرەك
ئېسىمىزدە تۇتايلىكى
ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش پەقەت ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ ھالقىسى خالاس
ھەقىقىي بىخەتەرلىك ئىلىم – پەنلىك مۇداپىئەلىنىشتىن كەلگەن






